باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق نىسبىتى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلىدۇ

2017.02.20 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتى %1.5 بولغان ئۆلكىلەرنىڭ ئومۇمىي ھەق نىسبىتىنى %1كە چۈشۈرۈشنى ئۇقتۇردى. ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇددىتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش، تەمىنات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئىشسىز خادىملارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ فوندىدىن چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ھېسابلاپ، كونكرېت لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) مەمۇرىي رايونى ئىچىدە، ئىش ئورنى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، شەخسنىڭ ھەق نىسبىتى ئىش ئورنىنىڭ ھەق نىسبىتىدىن يۇقىرى بولماسلىق كېرەك. جايلار ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن ساقلاپ تارقىتىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، فوندىنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، فوندىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر