سۈرەتتە: 19- فېۋرال، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇزابىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەينىڭ قەبىلە باشلىقى مۇھەممەد بىن راشىد ئەلىمەختۇم (ئالدى رەت سولدا) جۇڭگو مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 13- نۆۋەتلىك ئابۇزابى خەلقئارا مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇزابى دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسى بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن، كۆرگەزمىگە 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1200دىن ئارتۇق كارخانىلارنىڭ قاتنىشىنى جەلپ قىلغان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى