باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت تۇرۇبىسىدا ماي ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2017.02.20 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان «ۋەتەن گېزىتى»نىڭ 19- فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 18- فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا نېفىت شىركىتى)نىڭ بىر نېفىت تۇرۇبىسىدا ماي ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلگەن، ئۈچ ئادەم يارىلانغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن تۇرۇبا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نېفىت بازىسى بۇقايق ئەتراپىدىكى رايونلارغا جايلاشقان ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا نېفىت شىركىتى دەرھال جىددىي مېخانىزمىنى يولغا قويدى ھەمدە ۋەزىيەتنى ناھايىتى تېزلا تىزگىنلىدى، ھەمدە نېفىت ئېقىپ كېتىش مىقدارىنى چەكلىك دائىرە ئىچىدە تۆۋەنلەتتى.

  يارىلانغۇچىلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا نېفىت شىركىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر