خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- فېۋرال چۈشتىن كېيىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى (تۆۋەندە شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى دەپ ئاتىلىدۇ) قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ۋەزىپىلەر تەقسىملەندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجىن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قۇرغان، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ تەرەققىي قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەركىزىي رايونى يادرو قىلىنىپ، ئاۋال سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش يوللىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭدا كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە بۇرۇلۇش ياسىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى