خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 19- كۈنى، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمى موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىغا ئاتلانماقتا. ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 19-فېۋرال ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ موسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەركىتىنى باشلىغان ھەمدە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، موسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر رايونىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى