باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىدىن كېيىن، جۇڭگو يەنە ئالەم بوشلۇقىدىكى «سەرگەردان»لارنى نىشانلىدى

2017.02.21 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو 2020- يىلى مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەزەرىنى ئالەم بوشلۇقىدا لاغايلاپ يۈرگەن «سەرگەردان»لارغا تىكتى. ئالىملارنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىدىن كېيىن، كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش پىلانىغا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

  جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا «2016-يىللىق جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرغاندا، كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈشنىمۇ تىلغا ئالدى.

  جۇڭگونىڭ يىراق بوشلۇقنى تەكشۈرۈش پەنلىرى بويىچە نىشاننى دەلىللەش مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسىنىڭ تەتىقىقاتچىسى جى جياڭخۇي: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى 20 يىللىق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئىلمىي نىشانلىرىنى دەلىللىدى، نۆۋەتتە، مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىدىن كېيىن كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش، كېيىن يۇپىتېر ۋە يۇپىتېر سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر