باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلاردىكى زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانى باشلاندى

2017.02.21 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- فېۋرال، دۆلەت نەپەس سىستېمىسى كېسىلى كىلىنىكىلىق داۋالاش مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى، جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى شۆبىسىنىڭ نەپەس گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى بالىلاردىكى زىققا كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى بېيجىڭدا باشلاندى. بۇ پىلان ئەنئەنىۋىي يېڭىلىق يارىتىش بىلەن «ئالاقە تورى+ » تېخنىكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئارقىلىق، دوختۇرخانا بىلەن بىمار بىرلىكتە بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسىلىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە مەملىكەت بويىچە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئالتە مىليوندىن كۆپ بالىلارغا نەپ يەتكۈزگەن.

  زىققا كېسىلى بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس سىستېمىسى كېسىلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېلىمىزدە نۆۋەتتە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سانى ئالتە مىليوندىن ئاشىدىكەن. شۇنداقتىمۇ، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردىن %30كە يېقىن بالىلارغا ۋاقتىدا دىياگنوز قويۇلمىغان، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردىن يېرىمغا يېقىن بالىلارنىڭ كېسىلى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان.جۇڭگونىڭ بالىلاردىكى زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانى ئەنئەنىۋى قەغەز نۇسخىسى ۋە يان تېلېفون قوللىنىشچان پىروگراممىدىن يېڭىلىق يارىتىلغان بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى قورال قىلىپ، بالىلاردىكى زىققا كېسىلىنى داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش لايىھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، بىمارنى داۋالاش ۋە ئائىلىدە باشقۇرۇشنى ئۆلچەملىك ۋە خاسلاشتۇرۇلغان ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىلىدىكەن، ھەمدە ھاياتلىق سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر