باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ياغقان قار 66 يىلدىن بۇيان 2- ئايدا ياغقان ئەڭ كۈچلۈك قار ھېسابلىنىدۇ

2017.02.21 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- فېۋرال چۈشتىن باشلاپ ياغقان قار تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئاخىرلاشتى. ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 22 سائەت ئىچىدە 25.8 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا قار يېغىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 29 سانتىمېتىرغا يېتىپ، 66 يىلدىن بۇيان ئوخشاش مەزگىلدە ياغقان ئەڭ قېلىن قار بولۇپ قالدى.

  بۈگۈن ئەتە ئىككى كۈن تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃15قىچە چۈشىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىسسىقلىق ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى كۈچلۈك قاردا، ئۈرۈمچى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قار تازىلاش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، چوڭ-كىچىك تىپتىكى قار تازىلاش ماشىنىلىرى ۋە قار تازىلاش خادىملىرى ئىزچىل ئالدىراش ھالدا قار تازىلىدى.

  شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قار ئىككى تۈرلۈك تارىخىي رېكورت ياراتتى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 1951- يىلىدىن بۇيان، 2- ئايدا ياغقان بىر كۈندە يېغىش جەريانى ئەڭ چوڭ ۋە بىر كۈندە ياغقان قار مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق قار ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر