باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سۇغۇرتا سوممىسىنى ساياھەتكە چىقىش كۈن سانى ۋە بارىدىغان جاينىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىش كېرەك

چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلماقچى بولسا قانداق سۇغۇرتا تاللاش كېرەك؟

2017.02.21 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بىر خۇشاللىنارلىق ئىش، لېكىن ساياھەتچىلەر بانكا كارتىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىشى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق بولغان سۇغۇرتا تۈرىنى توغرا تاللاش ئارقىلىق، ئۆز ساياھىتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چېقىشتىن بۇرۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك زۆرۈر دەرسكە ئايلانماقتا. چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت سۇغۇرتىسى قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؟ قانداق كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ سېتىۋېلىش جەريانىدا قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  ئالدى بىلەن ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلغاندا كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش سۇغۇرتىسىنى تاللاش كېرەك. بۇ خىل سۇغۇرتا ئادەتتە قىسقا مەزگىللىك بىر قېتىملىق ساياھەت سۇغۇرتىسى ھېسابلىنىدۇ، تاللاشقا بولىدىغان سۇغۇرتىنىڭ ۋاقىت قەرەلى ئوخشاش ئەمەس. ساياھەتچىلەر ھەر قېتىم چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن سۇغۇرتىلىنىشى كېرەك. ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان سۇغۇرتا ماددىلىرى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، تاللىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بەزى دۆلەتلەردە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋىزىسىنى تەلەپ قىلغاندا، تاپشۇرۇشقا لازىم بولغان ماتېرىياللار ئىچىدە سېتىۋالغان داۋالاش سۇغۇرتىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋالغان سۇغۇرتا سوممىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئومۇمەن ئېيتقاندا، سۇغۇرتا سوممىسى 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر سۇغۇرتا مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنمىغان دۆلەتكە بارماقچى بولغاندا، ساياھەتچىلەر تاللىغان ۋاقىتتا ساياھەتكە چىقىش كۈن سانى ۋە ساياھەت مەنزىلىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى قانچىكى يۇقىرى بولسا، سۇغۇرتا سوممىسى يۇقىرى بولغان سۇغۇرتا تۈرىنى تاللاش كېرەك. ساياھەتچىلەر سېتىۋالماقچى بولغان سسۇغۇرتىنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تور بېكىتى ۋە ساياھەت تور بېكىتىدە سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

  ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىشتىكى كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ، شۇڭا، ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش سۇغۇرتىسىنى قوشۇپ سېتىۋېلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ خىل سۇغۇرتىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئاپپارات تور نۇقتىسى قاتارلىقلارنى ئىگىلىشى كېرەك، تاللىغان سۇغۇرتا تۈرى ئەڭ ياخشىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ھەققىنى بېرىپ تۇرۇش دېگەندەك ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ جىددىي ياردەم ئىزدەشكە بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سۇغۇرتىسى، دەيدىغان سۇغۇرتا تۈرىمۇ بار. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدە مۇناسىپ ھالدىكى تۆلەم سوممىسى تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىرىلغان، تۆلەم سوممىسى كۆپىنچە ھاللاردا نەچچە يۈز يۈەن دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى ئوخشاش ئەمەس. كەسپى زاتلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىچە، مەھسۇلاتلارنى تاللىغاندا تۆلەم ئۆلچىمى ۋە تۆلەم بېرىشتىكى قولايلىقلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، تۆلەم باشلىنىش ۋاقتى قىسقا بولغان سۇغۇرتا تۈرىنى ئالدىن تاللاش كېرەك، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سۇغۇرتىسىنى تاللىغاندا، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كېچىكسە تۆلەم بېرىدىغان، ھەمدە ئايرودۇرۇم ۋە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ كېچىكتۈرۈش ئىسپاتىنى كۆرسىتىش ھاجەتسىز بولغان، تۆلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولسىلا ئۆزلۈكىدىن تېز تۆلەپ بېرىدىغان سۇغۇرتىنى ئالدىن تاللىشى كېرەك.

  بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىنىش سۇغۇرتىسى دېيىلىدىغان بۇ خىل سۇغۇرتىنىڭ كاپالەت دائىرىسى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. كارتا ئىگىسى كارتىغا مەيلى كارتا سۈرتۈش مەخپىي نومۇرى قويغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن،POS ماشىنىسىدا ياكى تور ئارقىلىق سودا قىلغان بولسۇن، بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە سۈرتۈلۈش سۇغۇرتىسى كىشىلەرنى بۇ خەتەردىن ساقلاپ قالالايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بانكا كارتىڭىز ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، چوقۇم ۋاقتىدا بانكىغا بېرىپ، كارتىڭىزنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىشىڭىز كېرەك، كارتىڭىز ئوغرىلانغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە كارتىنىڭ يوقالغانلىقىنى بانكىغا مەلۇم قىلسىڭىز، بانكا سىزگە بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە سۈرتۈلۈش سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر