باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020- يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ

2017.02.21 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلاردا يولغا قويۇلغان ئېچىش، قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئالاقە تورى توپلانغان ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 20-فېۋرال ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېڭ لىفېڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە 2740 جايدا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇلغان، يول يۈزى كۆلىمى 1 مىليون 420 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىز قۇرۇقلۇق زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %14.8ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان 446 رايون بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 970 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، تىپى خېلى تولۇق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسەن مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تورى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلاردا ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يىراقتىن سېزىپ كونترول قىلىنىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى قەرەللىك يىراقتىن سېزىپ كۆزىتىش ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەم بايقالغان مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇ جاي خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئاشكارا كېلىشىپ سۆھبەتلىشىشتە مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر