باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن كوماندىسىنى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتى

پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە، شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

2017.02.20 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-فېۋرال 19دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، CBA ۋاسكېتبول ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 38-ئايلانما پەسىللىك ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى. شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ تيەنجىن كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. كوماندىدىكى تاشقى سەپ ئەزالىرىنىڭ ياخشى توپ ئېتىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 83كە قارشى 123 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاخىرقى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن، ئايلانما مۇسابىقىنىڭ رەت تەرتىپى ئايدىڭلاشتى. پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىغا كىرگەن سەككىز كوماندا: شىنجاڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشيا، لياۋنىڭ، شېنجىن، سىچۈن ۋە شەندۇڭ كوماندىلىرى بولدى.ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىىسى ناھايىتى كەسكىن بولدى. شەندۇڭ ساھىبخان بولۇپ چىڭداۋ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزدى، يەنە بىرسى، ئاغىنە كوماندىسى سىچۈەن مېھمان مەيداندا بېيجىڭ كوماندىسىنى بىر نومۇرلۇق پەرق بىلەن يېڭىپ، شەندۇڭنىڭ كىرىش بېلىتى ئالالىشىغا چوڭ ياردەم قىلدى. شۇنداق قىلىپ بېيجىڭ كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قېلىپ قالدى.

  پەسىلدىن كېيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مۇسابىقىلىش تەرتىپى:

  يۇقىرىقى رايون : شىنجاڭ : شەندۇڭ؛

   گۇاڭشيا : لياۋنىڭ ؛

  تۆۋەنكى رايون : گۇاڭدۇڭ : سىچۈەن

   شاڭخەي : شېنجىن ؛

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر