باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلدى

2017.02.21 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئوچۇق ئېلان قىلىپ، جاۋابكار لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بەردى ھەم 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2001-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋابكار لۈ شىۋېن ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ باشلىقى، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن پايدا ئالغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 18 مىليون 786 مىڭ 602 يۈەن پارا ئالغان.

  جىلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار لۈ شىۋېننىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈردى. لۈ شىۋېننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، دېلو بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ئىگىلىمىگەن قىسمەن پارا ئېلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى؛ جىنايىتىنى تونۇشى، جىنايىتىگە توۋا قىلىشى، بارلىق زاڭ پۇل-مۈلكىنى ئاكتىپ تاپشۇرۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە ياتىدىغان بولۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنى چىقاردى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار لۈ شىۋېن سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر