باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك سۈپەت جەمئىيىتى قاتارلىق 10 ئىلمىي جەمئىيەت بىكار قىلىندى

2017.02.21 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20- فېۋرال شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ يېمەكلىكلەر سۈپىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ سىلىكات تۇزلىرى جەمئىيىتى، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى ئىلىمى جەمئىيىتى، شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ سوۋۇتۇش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ كومپيۇتېر مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەمئىيىتى قاتارلىق 10 جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كوللېكتىپ ئەزالىق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللىگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي جەمئىيەتلەر (جەمئىيەت ۋە تەتقىقات جەمئىيەتلىرى) 2016 ـ يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ باردى. ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ تاماملاش ئەھۋالى، نۆۋەت ئالمىشىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە باھالاشنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر