باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ئاياللار يۇرتىدىن چىقمايمۇ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

2017.02.21 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىر يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسى سانائەت رايونى «جياخۇڭ» كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا 400دىن ئارتۇق خانىم-قىزنىڭ كىيىم تىكىش سېخىدا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كىيىم تىكىش، دەزمال سېلىش، ئوراپ قاچىلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  يوپۇغا ناھىيەسى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «كەسىپ بويىچە تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇش، تولۇقسىز- تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئىشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىم ئىگىلىشىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر بىر ياشنىڭ بىر كەسپىي ھۈنىرى بولۇش، ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر تۈرلۈك ھۈنەرگە ئىگە قىلىش» چاقىرىقىغا ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «كەسىپ ماھارىتى + ھەربىي مەشىق + دۆلەت ئورتاق تىلى + سىياسىي نەزەرىيە، قانۇن-نىزام»دىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدە» قىلىنغان كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بالدۇر قول سېلىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە ئىچىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ مەركەزلىك تەربىيەلەش ۋە يېزىلاردا تارقاق ھالەتتە تەربىيەلەشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە 16 ياشتىن يۇقىرى، 45 ياشتىن تۆۋەن 3500 نەپەر يېزا-بازار ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلىدى. يېزا ئاياللىرىنىڭ ماھارەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇتنى يېزا-بازارلارغا قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، يېزا- بازار ئاياللىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر