باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا: پۇل مۇئامىلە خەۋپىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز

2017.02.21 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا «2016-يىللىق 4-پەسىللىك جۇڭگونىڭ پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش دوكلاتىنى» ئېلان قىلدى. «خەۋپ» ۋە «كۆپۈك» كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن بۇ دوكلاتتا 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتەك سىگنال بېرىلدى.

  دوكلاتتا ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى جەمئىيەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 17 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن. ئاساسلىق ئېشىش مىقدارى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىگە قويۇپ بېرىلگەن خەلق پۇلى قەرزى زور دەرىجىدە ئاشتى، شەخسنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قەرزى بىر قەدەر كۆپرەك ئاشتى؛ ئىككىنچى،كارخانىلارنىڭ زايوم بىلەن مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشى بىر قەدەر ئاشتى، پاي چېكى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپەيدى؛ ئۈچىنچى، ھاۋالىلىك قەرز ۋە ئىناۋەتلىك ھاۋالىلىك قەرز كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

  ئۆتكەن يىلى نۇرغۇن مىقداردىكى يۆتكىلىشتىن كېلىپ چىققان بىر يۈرۈش سىرتقا كېڭىيىش ۋە پىشاڭ قوشۇشنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنىڭ بىرى مەۋھۇم ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى ئاجرىلىپ كەتتى؛ پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە ئۆي مۈلۈك كەسپىدە مەبلەغ پاخاللىقى ئالامىتى كۆرۈلدى، ئەمەلىي گەۋدىدىن باشقا ئىقتىسادتا ھەددىدىن ئارتۇق تەرەققىيات بايلىقى توپلاشتى، بۇ ئېشىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ شەكىللىنىش ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.

  تيەنفېڭ ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليۇ يۈخۈي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: مەبلەغ پاخاللىقىدىن كېلىپ چىققان ئەڭ مۇھىم خەۋپ پۇلنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىشى بولۇپ، مەبلەغ قانچە چۆللەشكەنسېرى پۇل شۇنچىلىك ئەمەلىي گەۋدىگە كىرمەيدۇ، مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئۆي مۈلۈك بازىرى ۋە ئاكسىيە بازىرىغا توشۇپ كېتىدۇ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۇل قىممىتىنىڭ يېرىق بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، بۇنىڭدىن ئېغىر خەۋپ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى دوكلاتتا پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي بولۇشتىن مەۋھۇملۇققا قاراپ يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل ئارقىلىق پۇلنىڭ قىممىتىنى كۆپتۈرۈش ھەمدە نامۇۋاپىق پىشاڭ قوشۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ يىلقى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر