باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق» يېتىپ كەلدى

شىنجاڭدا 24 سائەتتە ئارقا- ئارقىدىن 50كە يېقىن سىگنال ئېلان قىلىندى

2017.02.21 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش باھاردىن كېيىن بارا-بارا ئىللىۋاتقان شىنجاڭدا «تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق» كۆرۈلۈپ، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار، ھەتتا خېلى قېلىن قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، بەزى رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 12 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشتى. 24 سائەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەينى-كەينىدىن 50كە يېقىن سوغۇق ئېقىم، يوللارنى مۇز تۇتۇش، قېلىن قار سېگنالى ئېلان قىلىندى.

  19-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىلى ۋادىسى، تارباغاتاي، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا قېلىن قار ياغدى، قىسمەن رايونلاردا خېلى قېلىن قار ياغدى. ئۈرۈمچىدە 16 سائەت ياغقان قار ئەڭ قېلىن قار دەرىجىسىگە يېتىپ، قار مىقدارى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېكسترېمۇم قىممىتىدىن ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر