سۈرەتتە: 20- فېۋرال، شياڭگاڭ دىسنى شادلىق باغچىسى ئارامگاھىنىڭ مەمۇرىي باش دىرېكتورى ليو يۇڭجى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شياڭگاڭ دىسنى شادلىق باغچىسى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شادلىق باغچىسىدا ئۇدا ئىككى يىل زىيان كۆرۈلدى، 2016- يىللىق مالىيە يىلىدىكى ساپ زىيان 171 مىليون يۈەن شياڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى