باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىل تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلدى

2017.02.21 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جايلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان ئىككى يىغىنىدا ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىل تەرەققىيات كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ۋەكىللەر، ئەزالار تۈتەكنى تىزگىنلەش، سۇ باشقۇرۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بەھۇزۇر پاراڭلىشىپ، تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. تۈتەكنى تىزگىنلەشتە يۈرۈشلەشكەن تەدبىر قوللىنىش كېرەك

  «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئېلىمىزنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر بولدى. قانداق قىلىپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ يەنىمۇ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، جايلاردىكى ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم قارالمىسىغا ئايلاندى.بېيجىڭ شەھىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن يىللىق يېقىلغۇ كۆمۈر مىقدارىنى %30 ئازايتىش، ئومۇمىي مىقدارىنى 7 مىليون توننىدىن ئازايتىش، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن 300 مىڭنى شاللاش، يېڭىدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 3000نى سېلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىدۇ. بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە 18 مىليارد 220 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  تيەنجىن شەھىرى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، زىرائەت، شاخ-شۇمبىلارنى ئوچۇقچىلىقتا كۆيدۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  خېبېي ئۆلكىسى «كۆك ئاسمان ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق كۆمۈر ئىستېمالىنى 6 مىليون توننىدىن ئارتۇق قىسقارتىپ، كوكس ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 7 مىليون 200 مىڭ توننا ئازايتىدۇ.

  بۇ يىل «ئاتموسفېراغا دائىر ئون ماددا»نى باھالاش يىلى. «ئاتموسفېراغا دائىر ئون ماددا»دا 2017-يىلىغا بارغاندا، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئۇششاق دانچە ماددىلار قويۇقلۇقىنى 2012-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %20، %15 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش تەلەپ قىلىنغان. تۈزەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۆك ئاسمان بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جايلار كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشقا قاتتىق زەربە بېرىش قاتارلىق كۈچلۈك يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى قوللاندى.

   سۇنى باشقۇرۇشتا دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇلتۇر 12-ئايدا «دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە دەريا-ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق، ماسلىشىش تەرتىپلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق، قوغداش ئۈنۈملۈك بولغان دەريا باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك

  جايلارنىڭ ئىككى يىغىنىدا «ئاتموسفېرانى تۈزەش» بىلەن «سۇنى باشقۇرۇش»تىن باشقا، يەنە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، يېزا مۇھىتىنى ئاسراش قاتارلىقلارغىمۇ ئېنىق نىشان ۋە تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر