باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

2017.02.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.«يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-بازارلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا پائال ماسلىشىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، يېزا-بازار كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ھالقا، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا، مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ۋاسىتە، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يول قىلىپ، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  (ئىككىنچى) ئاساسىي پىرىنسىپ

  ــــ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش. پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىپ، يېزا-بازارلىق پارتكوم رەھبەرلىكىنىڭ يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ــــ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش. يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، جايلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزملاردىكى توسالغۇلارنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى ئۆلچەملىك، ئاشكارا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ـ

  ـــ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت دەۋا-تەلەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوبدان قوغداش، ئوبدان زورايتىشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى توغرا، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  ــــ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى ھەر تەرەپتىن ئويلىشىپ، خىزمەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك.

  (ئۈچىنچى) باش نىشان. 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، مۇلازىمەت شەكلىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى تەرتىپلىك، كاپالىتى كۈچلۈك، مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر