باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.02.23 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 21-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىيىتى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشى توغرىسىدا 39-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گېپى گەپ بولۇش، ئىشى نەتىجىلىك بولۇش كېرەك. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش −− ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي بىرىكمە كۈچ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش مارشىنى ياڭرىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا يېزىلاردا ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، جەمئىي 55 مىليون 640 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %10.2 تىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %4.5 كە چۈشۈپ، 5.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛ نامرات رايونلارنىڭ يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەتراپلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلار خېلى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەتكە كەلدى. ئەمەلىيەت داۋامىدا بىز كۆپلىگەن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، يىغىپ ئېيتقاندا ئاساسلىقى، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ـــ نېگىز، دەل جايىدا بولۇشنى ئىگىلەش ـــ ئاساسىي مەقسەت، سېلىنمىنى كۆپەيتىش ـــ كاپالەت، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىشتىراك قىلىش ـــ بىرىكمە كۈچ، ئامما ئىشتىراك قىلىش ـــ ئاساس. بۇ تەجرىبىلەر بىباھا قىممەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر