باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 مىليون 180 مىڭ ئاممىنى قاپلىدى

2017.02.22 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ سۇغۇرتا ساھەسى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان. 2016-يىلى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 12 مىليون 180 مىڭ ئاممىنى قاپلىغان، 44 مىڭ كىشى 300 مىليون يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشكەن، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ئازلىغان.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، 2016-يىلى شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك قىممىتى 88 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن %19 ئاشقان؛ سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 44 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان؛ 15 مىليارد 500 مىليون يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىلىپ، «13-بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر