باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىدا، بەش تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىندى

2017.02.22 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا بەش تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى يولغا قويۇش ھەمدە 2017-يىلى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ئېنىقلاش، تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش، سالاھىيەت كىملىكىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى ئېنىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىش ۋە «بەش بىر تۇتاش»نى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشنى چىڭ تۇتۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە چېتىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا، جەنۇبىي شىنجاڭنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر