خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەۋلانجان ئابلەت تۇپراق خەۋىرى، فوتوسى) 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەردىكى «يىڭ رۇيلىن» خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ 5-قەۋىتىدىكى شياڭگاڭ يىغىن زالى قەشقەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە قەشقەر «سۆي كىتاب» سۆھبىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.
ئالدى بىلەن قەشقەر «سۆي كىتاب» سۆھبىتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئورۇنلىشىدا «ئەپەندىم قەشقەردە» ناملىق ئەلنەغمە ئورۇنلاندى، ئارقىدىن «ئاتا مېھرى»، «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «ئەپەندىم سەپەردە»، «ئاش ھاياتنىڭ يىلتىزى»، «ئاياللار»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» دىن ئارىيە قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
مەشرەپنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ ئاتاقلىق پېشۋاسى، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئەخەت تۇردى ئەپەندى سۆز قىلىپ، كىتاب ئىشقى، كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنىڭ يۈكسەك قىممىتى، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىدىكى ئەمەلىي ھەم تولىمۇ تەسىرلىك ئىشلار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ يازغان بىر قىسىم رومانلارنى ئىمزالىق سېتىش، تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
سۈرەتتە: ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۆزى يازغان رومانلارغا ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى