خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- فېۋرال چۈشتىن كېيىن، 2016-يىللىق جۇڭگو ئۆلكىلەر ئارا بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا شىنجاڭدىن ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدىغان «شىنجاڭ ئەيلىشىن سامساق پۇتبول كوماندىسى»نى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-يىللىق جۇڭگو ئۆلكىلەر ئارا بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 25- فېۋرال سىچۈن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 8-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ رايونلار مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ 2گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن نىڭشيا كوماندىسىنى يېڭىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە مەملىكەتلىك ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن باشقا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلاردىن يەنە گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، چۇڭچىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېبىي، شەنشى ئۆلكىلىرى كوماندىسى بار.
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۆلكىلەر ئارا بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىغا مەملىكەت بويىچە 127 شەھەردىن كەلگەن 240 كوماندا قاتنىشىپ، جەمئىي 1024 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى. مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ چېمپىيونلىرى 1-ئاينىڭ 7-، 8- كۈنلىرى خاربىن، ئۈرۈمچى، سەنيا، شيامىن، شىجياجۇاڭ، جېڭجۇ، چېڭدۇ، نەنجىڭ قاتارلىق سەككىز شەھەردە نۇقتىلىق چوڭ رايونلار مۇسابىقىسى ئويناپ، مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرىدىغان سەككىز بېلەتنى تالاشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇتبول جەمئىيتىنىڭ رەئىسى چېن بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ كوماندىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگىلا ۋەكىل بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ۋەكىلى، ھەتتا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى پۇتبول مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تىرىشىپ ياخشى ئوينىشىنى، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى