خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 20-فېۋرالغا قەدەر 2017-يىللىق 1-تۈركۈمدە 2700 دېھقان ياشنى ئاپتوموبىل، تىراكتور رېمونتچىلىقى، مانتىيۇرلۇق، كەپشەرچىلىك، ئاشپەزلىك، پىشۇرۇق پىشۇرۇش، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى توققۇز تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
ئىگىلىنىشچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى 2014-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 10 مىڭ 500 دىن ئارتۇق دېھقان ياشنى كارخانىلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن 10 نەچچە كەسىپ تۈرى بويىچە تەربىيەلەپ، كارخانىلارنى زۆرۈر بولغان تېخنىك ئىشچىلار بىلەن تەمىنلىگەن ھەم دېھقان ياشلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەن.
سۈرەتتە: 20-فېۋرال، دېھقان ياشلىرى تۈرلۈك كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەنمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى