باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇلتۇر 5769 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %99.84كە يەتتى

2017.02.22 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى 21-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى 5769 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان، ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %99.84كە يەتكەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ۋە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە تەكلىپ كومىتېتى «تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى(سىناق نۇسخىسى)»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تەكلىپنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھازىر ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىۋاتىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە قاراپ چىقىش تەرتىپى بويىچە، تەستىقلانغاندىن كېيىن يىل ئىچىدە ئېلان قىلىشقا تىرىشىدۇ.

  سۈن گەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى رويخەتكە ئېلىشنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. ھەر قايسى تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلار جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئاشكارا تەكلىپ بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر