باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى

2017.02.22 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 21-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلدى، «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات» ۋە «<ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2016-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى تاماملىدى، ئىقتىسادىي ئايلىنىش تەدرىجىي مۇقىملىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېزلىتىلدى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئۇل ئەسلىھەنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى سىجىل ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ تۇنجى يىلىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا يېڭى، مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەسكىن خىرىس ئالدىدا، بۇنداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئېڭى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، «بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشى، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىشى، ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم بولۇش، كەسىپ سىياسىتى توغرا بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەتتە ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇشى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشى، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر