باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا پارتىيە تەشكىلاتىدىن957سى تەكشۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك كادىرلاردىكى مەسىلىلەر يىپ ئۇچىدىن 1523ى بايقالدى

2017.02.22 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكشۈرۈش خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق يەتتە ئورۇندا كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  2016- يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى "پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش"تىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە ئۇ خىزمەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى سۈپىتىدە، كۆزىتىش خىزمىتىدە تېز راۋاجلاندۇرۇش، ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇش، قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش دېگەندەك بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقىغان. ھازىرغا قەدەر، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 96 ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنىپ ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن كۆزىتىش خىزمىتى يولغا قويۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن957سى تەكشۈرۈلۈپ، «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»غا خىلاپلىق قىلىشقا ئائىت مەسىلىلەردىن 3460ى، پارتىيەلىك كادىرلارغا چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچلىرىدىن 1523ى بايقالغان، 166 دېلو تۇرغۇزۇلغان، 118 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 10 ئادەم ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر