باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «12348» قانۇن قىزىق لىنىيەسى يىلدا ئوتتۇرىچە 150 مىڭ قېتىم تېلېفون قوبۇل قىلغان

2017.02.22 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن ياردەم خىزمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، «12348» قانۇن مۇلازىمىتىدىن مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېلېفون قوبۇل قىلىش مىقدارى 150 مىڭ قېتىم ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانۇندىن ياردەم بېرىلىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خەلققە قولايلىق كۆزنەك 72گە يەتكەن، بۇنىڭ بىلەن 23 مىڭدىن ئارتۇق قانۇن ياردىمى دېلوسى بېجىرىلىپ، 27 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا 340 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى «12348» قانۇن قىزىق لىنىيەسى سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر بىر ناھىيە، شەھەر (رايون) نىڭ ھەممىسى «12348» مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىپ، ھېيت-بايرامدىن سىرت، ھەر بىر خىزمەت كۈنىدە مەخسۇس ئادۋوكات ياكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرى نۆۋەتچىلىك قىلىپ مۇلازىمەت قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر