باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2017- يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا جەمئىي ئۈچ مىليون 890 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇدى

2017.02.22 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- يانۋار، ئۇدا 40 كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ تۆمۈر يول چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئىشى غەلبىلىك تاماملاندى. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، تۆمۈر يول تارماقلىرى جەمئىي ئۈچ مىليون 890 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇپ، يولۇچى توشۇش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 22.5 ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتلىك تۆمۈر يول سىستېمىسى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك بېكەتلەر ئارا ماڭغان يولۇچى ئىككى مىليون 970 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪ 29.6 ئاشقان، بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچى 920 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 867 بېلەت سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %152 كۆپەيگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم كۈچى ئارقىلىق بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن 678ى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %188.5 كۆپەيگەن؛ جەمئىي 186 دانە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش (چىقىرىش) ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.6 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر