باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى ئۇدا 16 يىل ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ كەلدى

2017.02.22 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى خەلق تورى «ئىككى يىغىن قىزىق نۇقتىلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش» بۈگۈن توردا ئېلان قىلىندى، جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان 18 تۈرلۈك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدىن توردا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  2017- يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» پات ئارىدا باشلىنىدۇ. خەلق تورى تۆۋەندىكى ئورۇنلار، يەنى دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە، ئامما دىققەت قىلىۋاتقان 18 تۈرلۈك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە سوئال قەغەزلىرى ھازىرلاپ چىقتى. ئۇ مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەرگە، يەنى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە دارامەت، تۇرار جاي، داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.

  تورداشلار تەكشۈرۈش تور بېتىگە كىرىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدىن بېلەت تاشلاپ، ئاندىن يەنە بىر تەكشۈرۈش تور بېتىگە كىرىپ كونكرېت جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش يەنە كۆچمە تېرمىنالدا تەڭ تارقىتىلىدۇ، ئۈندىدارنىڭ جامائەت سۇپىسىدىكى «خەلق تورى»نى قوشسىڭىزلا قاتنىشالايسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مىكرو بىلوگ ئارقىلىق، ياكى خەلق تورى@نى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق بېلەت تاشلىسا، ياكى مىكرو بىلوگ ئارقىلىق سۆز ئالدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر