باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يەنە 3000 نەپەر مەكتەپ پۇتبولى تىرېنېرى تەربىيەلىنىدۇ

2017.02.22 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، 13مىڭ 381 مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتىپى ۋە 69 مەكتەپ پۇتبولى سىناق نۇقتا ناھىيە (رايون)نى ئۇنىۋېرسال بېكىتتى ۋە ئۇلارغا نام بەردى، ھەمدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، چىڭداۋ شەھىرى، شيامېن شەھىرى ۋە جىلىن يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تۆت مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبولى ئىسلاھات نۇقتىسىدا سىناق قىلغان رايوننى بېكىتتى. 2017- يىلى پىلان بويىچە 3000 نەپەر مەكتەپ پۇتبولى تىرېنېرى تەربىيەلىنىپ، 20 مىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتىپىنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداشقا تىرىشىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دېڭفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، 2016- يىلى، مەملىكەت بويىچە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، مەشقاۋۇل، رېپىر، تەتقىقاتچىلار قاتارلىقلارنى تەربىيەلىدى، ھەمدە 115 نەپەر يۇقىرى سەۋىيەلىك چەتئەللىك پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. مۇسابىقە جەھەتتە، دۆلىتىمىزدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇردى. 2016 - يىلى، 20 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ پۇتبولىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى تاماملانغان بولۇپ، 952 مەيدان(قېتىم)غا يەتكەن، ھەمدە 7500 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان. 10 ئۆلكە 14 رايوننىڭ مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى يازلىق لاگېرىنىڭ شۆبە لاگېر پائالىيىتى ۋە ئۈچ ئومۇمىي لاگېر پائالىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، مەملىكەت بويىچە 1730 ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 5284 نەپەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە 2010 نەپەر تىرېنېر پائالىيەتكە قاتناشقان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر