باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىشى كېرەك

2017.02.22 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ ۋېي بۈگۈن رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىقا قاتنىشىش جەھەتتە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسەن، 2016- يىلى مەملىكەت بويىچە داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغانلارنىڭ سانى 872 مىليون 40 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بالنىستا ۋە كېسەل كۆرسىتىش بۆلۈمىدە داۋالانغانلاردىن قۇتقۇزۇلغانلارنىڭ سانى 309 مىليون 980 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ياردەم بېرىلگەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سانى 560 مىليون 60مىڭغا يەتكەن، 29 مىليون 870 مىڭ يۈەنلىك ياردەم مەبلىغى چىقىم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر