- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن يىرىك پىلان تارقاتتى
«13-بەش يىللىق» يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
2017.02.22 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ <13-بەش يىللىق> يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانى» ۋە «دۆلەتنىڭ <13-بەش يىللىق> دورا بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانى»نى تارقىتىپ ئېلىمىزنىڭ «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، تەرەققىيات نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەك، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
«13-بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى، شۇنداقلا قاتتىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىنى تولۇق ھۆرمەتلەپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جازالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، مەنبەدىن تىزگىنلەش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك-دورا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
«دۆلەتنىڭ <13-بەش يىللىق> يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بارلىق تۈرلەرنى قاپلاپ، دۆلەت بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يىلدا ھەر مىڭ كىشىنى تۆت قېتىم يېمەكلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى؛ يېزا ئىگىلىك بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %97تىن ئاشۇرۇش؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلغۇچىلارنى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەكشۈرۈش؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھسۇلات ئۆلچىمى بارلىق كۈندىلىك ئىستېمال يېمەكلىكىنى قاپلىشى، مىقدارىنى چەكلەش ئۆلچىمى ئىشلىتىلىشى تەستىقلانغان بارلىق دېھقانچىلىق دورىلىرى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرى ۋە ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاپلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. يىرىك پىلاندا كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى تىزلىتىش، قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەنبەدىن تىزگىنلەشنى قاتتىق تۇتۇش، جەرياننى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش، تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەشكەن تەكشۈرۈش قوشۇنى قۇرۇشنى تىزلىتىش، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان ئەندىزىنى تىز شەكىللەندۈرۈش، دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۈلگە شەھىرى بەرپا قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە قۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە بېكىتىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر