باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ناھەق، ساختا، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.02.22 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 21-فېۋرال يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلىپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋاسى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش، گۇمانلىق جىنايەت بولماسلىق قاتارلىق قانۇن پىرىنسىپى قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھەق، ساختا، خاتا دېلولارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى دەي چاڭلىن 21-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋاسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوت قىلىش جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ۋە جىنايى مەسىلىلىرىنى بېكىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ھالقىسى بولۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋاسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۆۋەن چەك ئۆلچىمى ناھەق، ساختا، خاتا دېلولارنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر