خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-فېۋرال «خەلق سارىيى»دا فىرانسىيە زۇڭلىسى كازېنېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دۆلەت، شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە 2014-يىلى قويۇق، ئۇزاققا سوزۇلغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئالاقىسى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، يەرلىك ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى. بىز فىرانسىيە تەرەپ بىلەن تەڭ تىرىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى