باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 800 مىڭ موغا يېقىن توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى

2017.02.23 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇلتۇر شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق رايونىدا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 786 مىڭ مو توغراقلىق ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشقا ئېرىشىپ، ياشاش مۇھىتى ياخشىلانغان.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنى 17 قېتىم ئاياغ ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى تاماملىغان، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەريادىن سۇ باشلاپ باستۇرۇپ سۇغىرىش ۋە يەر ئاستى سۇ ئورنىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن توغراقلىققا سۇ تولۇقلانغان، نەتىجىدە، جەمئىي 587 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلانغان بولۇپ، پىلانلانغان سۇ مىقدارىنىڭ % 120گە يەتكەن.

  ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ــ تارىم دەرياسى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر، دەريا ۋادىسى كۆلىمى بىر مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. زور كۆلەمدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئبقىمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، توغراقلىق رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بوستانلىقتىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسىقى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر