باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بېكىتىلدى

2017.02.23 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىمتىھانى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان «پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىككى پەن» دېيىلىدۇ) پەنلىرى ئىمتىھاننىڭ 2- باسقۇچلۇق توردا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى.

  تۇنجى قېتىم ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان يېڭى ئوقۇغۇچىلار (يېڭى ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى ھاسىل بولىدىغان ئوقۇغۇچىلار) ۋە «ئىككى پەن» ئىمتىھانى بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 20:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىمتىھانىنىڭ توردا تىزىملىتىش ۋاقتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە داۋاملاشقان. جەمئىي 15500 ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان.

  قوش تىل مائارىپى كەسپىگە نىسبەتەن، ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى تەربىيەلەنگەن ئالىي مەكتەپلەر بويىچە بىر تۇتاش تىزىملىتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ماتېرياللىرى توپلىنىپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈزۈكسىز مائارىپ ئىنستىتۇتىغا يوللىنىدۇ. قوش تىل بويىچە تەربىيەلىنىپ قايتقان، ئەمما تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى تەربىيەلەش مەكتىپى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئەسلى جايدا ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  تىزىمغا ئالدۇرغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلىرىنى http://www.xjzkzx.comغا كىرىپ كۆرۈپ ياكى 0991-2609347غا تېلېفون قىلىپ ئاڭلاپ تەپسىلاتىنى چۈشىنىۋالسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر