خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-فېۋرال «خەلق سارىيى»دا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆزلەش نۇقتىسىدىن قاراپ ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى ھەم تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە يەنىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بۇ ئىككى دۆلەت ئىزچىل ئۆز ئارا بىر-بىرىنى جەلپ قىلىپ، مەدەنىيىتىنى ئۆز ئارا جۇلالاندۇرۇپ كەلگەن. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقا ئايلاندى. ھازىر ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۇقىرى پەللىدە جىپسىلىشىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ئىشلىرى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە قاتارلىق ھەر قايسى قاتلام ۋە دەرىجىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىرلىكتە ياخشى تۈزۈشى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ مەۋقەنى دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىگە قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش ھەم خەنزۇ تىلى ۋە ئىتالىيە تىلىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا يولغا قويۇش، ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى