باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 10 داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى ۋە توققۇز ۋەكىللىك سەيلىگاھ ئېلان قىلىندى

2017.02.23 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 23-فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى 10 داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى ۋە توققۇۇز ۋەكىللىك سەيلىگاھنى ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بۇ يىل 16-يانۋاردىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدىكى «شيېچېڭ» ساياھەت تورى، «يۈنتۇ» ساياھەت تورى، شىنجاڭ ساياھەت تورى قاتارلىق 18 داڭلىق ساياھەت تور بىكىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى ۋە ۋەكىللىك سەيلىگاھلارنى باھالاشنى يولغا قويغان. باھالاش ئارقىلىق تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈرۈمچى - غۇلجا - نارات - بايىنبۇلاق - ئۈرۈمچى لىنىيەسى؛ ئەڭ كاتتا ئۆز ئالدىغا ساياھەت لىنىيەسى بولغان ئۈرۈمچى - بۇغدا كۆلى - بۇرچىن - جالدىڭ جىلغىسى - قۇمقاناس - قاراماي - سايرام كۆلى - غۇلجا - نارات - بايىنبۇلاق - قارا شەھەر - تۇرپان - ئۈرۈمچى قاتارلىق 10 داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇملۇق سەيلىگاھى، بايىنبۇلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يايلاق سەيلىگاھى قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈردىكى ۋەكىللىك سەيلىگاھلار ئېلان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر