- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز 1- ئايدا تاشقى سودىدا %74.75 ئېشىشتەك ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى
2017.02.23 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىنى كۈتۈۋالدى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 865 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.75 ئاشتى، ھەمدە ئۇ ئاز سوممىلىق چېگرا سودىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.
2- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىدا، ئېكسپورت قىممىتى 11 مىليارد 433 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %78.28 ئاشقان؛ ئىمپورت مىقدارى بىر مىليارد 433 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %50.93 ئاشقان؛ سودا ئاكتىپ بالانسى 10 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %83.02 ئاشقان.
ئۇ، ئاز سوممىلىق چېگرا سودىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت نىسبىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شىنجاڭدا ئاز سوممىلىق چېگرا سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئالتە مىليارد 745 مىليون يۈەن بولۇپ، %34.94 ئاشقان، ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئۈچ مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %79 ئاشقان، ھەمدە ئۇ شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %27.2نى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر