باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 820 مىڭ باج تاپشۇرغۇچى «باج ئېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى

2017.02.23 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا «باج ئېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سانى زور مىقداردا ئېشىپ، 824 مىڭ 900 گە يەتكەن. باج مەلۇم قىلىش مۇددىتى ئايدا مەلۇم قىلىشتىن پەسىللىك، يىللىق مەلۇم قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، جەمئىي 9 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن باج مەلۇم قىلىش سانى ئازايتىلغان.

  «باج ئېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» دېگىنىمىز، باج ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇقىم قەرەلدە، مۇقىم قىممەتتە باج تۆلەيدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تۆلەش قەرەلىنى پەسىللىك، يېرىم يىللىق ۋە ياكى يىلدا بىر تۆلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر