باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن ئىككى شەھەر دۆلەتلىك كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى ھەمكارلىق سىناق شەھىرى بولۇپ تاللاندى

2017.02.23 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قۇمۇل شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى ھەمكارلىق سىناق شەھىرى (رايونى) بولۇپ تاللانغان. يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىرلىكتە دۆلەتلىك كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى ھەمكارلىق سىناق شەھىرى (رايونى)نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ 37 شەھەر (رايون) ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قۇمۇل شەھىرى بار.

  بۇ ئىككى شەھەر دۆلەتلىك كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلىدىكى ھەمكارلىق سىناق شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇل مۇئامىلىدىكى ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى پائال ئۆستۈرىدۇ، كەسىپ بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ كەسىپكە بولغان قوللاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر