باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 90- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2017.02.24 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 90-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ بەرگەن «قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش ئارگىنالىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دائىر پىكىر توغرىسىدىكى دوكلاتى، كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن بەرگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ئىسىملىكى لايىھەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قاراپ چىقىش دوكلاتى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، شۈ شيەنمىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا دائىر قارار لايىھەسى ئارگىنالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى: يۇقىرىدىكى قارالما ۋە لايىھەلەر دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ يەنىمۇ قاراپ چىقىپ تۈزىتىشىگە سۇنۇلغاندىن كېيىن، 91-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇش-تاپشۇرماسلىقنى قارار قىلىشىغا يوللىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر