باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ياردەم ۋە تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2017.02.23 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى زاڭزۇ كالېندارى بويىچە بولىدىغان يېڭى يىلنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئون بابلىق ئاساسىي قانۇن» ۋە «توققۇز تۈرلۈك تەلەپ»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا بىرلىكتە «ئالاقىدار ئىنتىزاملارنى قايتا تەكىتلەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ۋە تولۇقلىما پۇلى تارقىتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شىزاڭدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئالاھىدە ئىش ھەققى سىياسىتىنى ۋە ئالاقىدار پاراۋانلىق تەمىناتى سىياسىتىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار قوشۇپ ئىشلەش ھەققى تارقىتىش، كەنتتە ۋە ئىبادەتخانىدا تۇرۇشلۇق خادىملارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن، پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يەنىلا بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بىر تۇتاش ئىش ھەققى سىياسىتىدىن باشقا، تۈرلۈك مەبلەغنى ئىشلىتىپ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ياردەم ۋە تولۇقلىما پۇلى تارقىتىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر