باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

H7N9 يۇقۇملۇق زۇكام ۋە زور دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدە تېرىك قۇش بازىرى ئۈچۈن 1110 تۈزۈم ئورنىتىلدى

2017.02.23 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 22- فېۋرال ئېچىلغان " H7N9يۇقۇملۇق زۇكام ۋە زور دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى مەملىكەتلىك سىن يىغىنى"دا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ، تىرىك قۇش بازىرى ئۈچۈن «1110 تۈزۈمى»نى ئورنىتىپ، تىرىك قۇش بازىرىغا «كۈندە بىر قېتىم تازىلاش، ھەپتىدە بىر دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايدا بىر قېتىم ئارام ئېلىش» تۈزۈمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قوللىنىش كېرەك. نۆۋەتتە، جايلار زور دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىمەكتە، ئاقسىل كېسىلى، قۇش زۇكىمى ۋە دولقۇنسىمان قىزىتما قاتارلىق كېسەلنىڭ بۇرۇنراق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تۈرىنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا، ئاساسىي ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش-ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئېچىلغان "H7N9 يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىن يىغىنى"دا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇملۇق مەنبەسىنى كونترول قىلىپ، يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى ئازايتىش كېرەك. يىغىن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل 1- ئاي كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 16 ئۆلكە H7N9 يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى دوكلات قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر