باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز تۇنجى قېتىم قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقتى

2017.02.27 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 16:30دا تۇنجى قېتىم قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز ئوتتۇرا ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى.

  بۇ- ئوتتۇرا ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم غەربكە قاتنايدىغان پويىزنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، نۆۋەتچى پويىز 30 سائەت ئەتراپىدا ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن، مۇساپە ۋاقتى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەنگە قارىغاندا 10 سائەتكە يېقىن تېجىلىدىكەن. بۇ لىنىيە غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە قولايلىق ئەشيا ئوبوروت يېڭى يولىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقىدىغان لىنىيە بىلەن بىرگە، كۆپ نۇقتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدىغان ۋە كۆپ نوقتىغا جايلاشقان غەربكە قاتناش نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قوش يوللۇق تىرانسپورت ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر