باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ھەرىكەت نىزامى» 1-مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

14 تۈرلۈك مەدەنىيەتسىز قىلمىشلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ

2017.02.24 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرىنجى مارتتىن باشلاپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، قالايمىقان بوياپ سىزىش، كىچىك ئېلانلارنى چاپلاش قاتارلىق 14 تۈرلۈك مەدەنىيەتسىز قىلمىش نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەپ تۈزىتىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.

  قائىدە بولمىسا، ئىشنى روياپقا چىقارغىلى بولمايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، «نىزام»دا كۆرسىتىلگەن 14 تۈرلۈك مەدەنىيەتسىز قىلمىش سىرتقا چىقىش، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. مەسىلەن: كۈتۈپخانا، مۇزىي، كىنو-تىياتىرخانا، دوختۇرخانا، سودا سارىيى، ئايروپىلان (ماشىنا) كۈتۈش ئورنى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشنى چەكلەش؛ كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرۈش، تەرەت قىلىش، مېۋە شۆپۈكى ۋە قەغەز پارچىلىرىنى قالايمىقان تاشلاشنى چەكلەش؛ ئاممىۋى يېشىللىقلاردا خالىغانچە گۈل-گىياھلارنى ئۈزۈش ۋە چىملىقلارغا دەسسەش، ئەرمەك ھايۋان بېقىپ باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈشنى چەكلەش؛ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، رېشاتكىدىن ئاتلىماسلىق، قائىدىگە خىلاپ يول يۈرمەسلىك، ئاممىۋى قاتناش يولىدا ئاپتوموبىل توختاتماسلىق قاتارلىقلار.

  «قالايمىقان ئېلان ۋارىقى چاپلاش ۋە تارقىتىش» مەدەنىيەتسىز قىلمىشىغا قارىتا، «نىزام»غا ئاساسەن تەشكىللىگۈچىگە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر