باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىرىك ئېشەك ئىمپورت قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا سودىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى

2017.02.24 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قەشقەر تاموژنىسى ئارقىلىق قىرغىزىستاندىن كىرگۈزۈلگەن 1000 تۇياق تىرىك ئېشەككە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىلدى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تاموژنىسىنىڭ 2017-يىلىدا بېجىرگەن تۇنجى قېتىملىق تىرىك چارۋا تاموژنا رەسمىيىتى ۋە شۇنداقلا ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىدىن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى تىرىك چارۋا كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. تىرىك ئېشەك ئىمپورت قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا سودىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالماقتا.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدىكى قوتاندا بېقىلىۋاتقان ئېشەكلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن ۋە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ھېلىمۇ ساقلانماقتا ئىكەن، شۇ سەۋەبلىك دۆلىتىمىزدىكى ئېشەك يېلىمى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئېشەك تېرىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپلىگەن شىركەتلەر «دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدىن ئېشەك ئىزدەش» سېپىغا قوشۇلماقتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېشەك ئىمپورت قىلىش شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى يېڭى سىناق سودىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ تاموژنىسىدىن كەڭ كۆلەمدە تىرىك چارۋا ئىمپورت قىلغان شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى «دوستلۇق» قوي يۇڭى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۇنيادىكى تىرىك ئېشەك مىقدارىنىڭ %70ى شىنجاڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا مەركەزلەشكەن، ئېشەك مەنبەسى مول ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئېشەك باھاسى دۆلىتىمىزدىكى ئېشەك باھاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، باھا جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار. شۇڭا شىركىتىمىز يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن 20 مىڭ تۇياق ئېشەك ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىدى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر