باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز لايىھە ئېلان قىلىپ ئەلئارا سېلىنمىنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگە كىرىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ

2017.02.24 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22 -فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، ئىجازەت شەرتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە يېتەكلەيدىغان لايىھە تۈزۈش؛ ئىجتىمائىي ساھەدىكى پۇقراۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا يانداش تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، ئالدىن تەستىقلاتماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى زور، ئاممىنىڭ تەلىپى كۈچلۈك. ئىجتىمائىي ساھەلەرنى ئەلئارا سېلىنمىغا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىر تەرەپتىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانلىق بولىدۇ، بۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. لېكىن بەزى كارخانىلار يەنىلا قىسمەن مەبلەغ سېلىش تۈرىدە ئالدىن تەستىقلاش ھالقىسى كۆپ، رەسمىيىتى مۇرەككەپ، ۋاقتى ئۇزۇن، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

  2016- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەبلەغ سېلىش بولۇپمۇ ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالدى. كارخانا ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى شۇنداقلا ئالاقىدار سىياسەت تەسىرىنىڭ تەدرىجىي ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ ئۇدا تۆت قېتىم ئۆرلەپ، باسقۇچلۇق ئاساس سېلىش ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر